Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۇرۇق ئۆستۈرگۈچ
Domain: بىئولوگىيە种子培养基
zhǒngzipéiyǎngjī
سپورىنى بىخلىنىش، ئۆسۈش ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بىر خىل ئۆستۈرگۈچ. بۇ خىل ئۆستۈرگۈچنى سپورا ئۆستۈرگۈچ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددا مول بولۇپ، ئادەتتە مىكرو ئورگانىزملار ئاسان پايدىلىنالايدىغان كاربونلۇق ۋە ئازوتلۇق ماددىلار بولىدۇ. مەسىلەن، گلۇكوزا، ئاممۇنىي سۇلفات، ئۇرېيە، قوناق مەلھىمى، ئېچىتقۇ مەلھىمى، پېپىتون قاتارلىقلار. شۇڭا ئۇ باكتېرىيىنىڭ يىپسىمان تېنى ياكى ئوزۇقلىنىش تەنچىسىنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشىگە پايدىلىق.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.