Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۇرۇق پوستى
Domain: بىئولوگىيە种皮
zhǒngpí
ئۇرۇقنى قوغدايدىغان تۈزۈلۈش بولۇپ، تۆرەلمە تۈگۈن يېپىنچىسىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، تۆرەلمە سۈتى بىلەن تۆرەلمىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ھۈجەيرە پوستىنىڭ كۆپ قىسمى قېلىنلىشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ياغاچلىشىدۇ ياكى مۈڭگۈزلىشىدۇ. قارىغاي، تاۋۇز، پاختا قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇق پوستى قېلىن ۋە قاتتىق بولىدۇ، پاختىنىڭ ئۇرۇق پوستىدا يەنە پوست تۈكى (پاختا تالاسى دەپ ئاتىلىدۇ) بولىدۇ. خاسىڭ ۋە كۈنجۈتنىڭ ئۇرۇق پوستى نېپىز پەردىسىمان بولىدۇ. دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇق پوستى بىلەن مېۋە پوستى قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بىرلىكتە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. كۈمۈش ئۈرۈكنىڭ ئۇرۇق پوستىنىڭ سىرتقى قەۋەت توقۇلمىسى مېۋە گۆشىگە ئوخشاش قېلىنلاشقان بولىدۇ. لىجى ۋە لوڭيەننىڭ ئۇرۇق پوستىنىڭ سىرتىدا ئۇرۇق كۆرتىكى سېپى ياكى تەڭگلىكىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان گۆشلەشكەن، يېيىشكە بولىدىغان يالغان ئۇرۇق پوستى بولىدۇ. ئۇرۇق يېتىلىپ ئۇرۇق كۆرتىكى سېپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇرۇق پوستىدا قېپقالغان ئىز ئۇرۇق كىندىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۇرۇقلارنىڭ ئۇرۇق كىندىكىگە يېقىن ئورۇندىكى ئۇرۇق پوستىنىڭ كېڭىيىپ قاپىرىشىدىن ھاسىل بولغان ئورۇن ئۇرۇق سەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتسىمان تۈزۈلۈش. بەزى ئۇرۇقلارنىڭ ئۇرۇق پوستىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئۇرۇق كۆرتىكى سېپى بىلەن تۈگۈن يېپىنچىسىنىڭ قوشۇلۇش ئورنىدىكى تومپىيىپ چىققان قىر ئۇرۇق قىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنىڭ بىر يۈزىدە روشەن ئۇرۇق قىرى بولىدۇ.
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق,ئۇنىۋېرسال
种皮
zhǒng pí
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.