UyghurMain Dictionary
ئۇرۇقلىنىش
بىئولوگىيە
ئاتىلىق كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (سپېرما) بىلەن ئانىلىق كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (تۇخۇم) نىڭ ئۇچرىشىپ زىگوتا (ئۇرۇقلانغان تۇخۇم) نى ھاسىل قىلىش جەريانى. ئۇرۇقلىنىش بىر تەرەپتىن تۇخۇمنى يېتىلىشكە قوزغىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتىلىق ھۈجەيرە بىلەن ئانىلىق ھۈجەيرىنى ئۇچراشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئانا ۋە ئانا تەرەپتىن كەلگەن تاق ھەسسىلىك خروموسوملار بىرلىشىپ جۈپ ھەسسىلىك ئەۋلاد ھاسىل بولىدۇ. نەتجىدە ئەجدادنىڭ خروموسوما سانى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىككى ئەجدادنىڭ ئىرسىيەتلىك بىرلىشىپ يېڭى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە يېڭى تۈرنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن ئۇرۇقلىنىش ۋە يېتىلىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر بەلگىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئۇرۇقلىنىش ئادەتتە تاق سپېرمىلىق ئۇرۇقلىنىش بولىدۇ (monospermy) يەنى ئۇرۇقلىنىش ۋاقتىدا پەقەت بىر سپېرما تۇخۇم ئىچىگە كىرىدۇ، سپېرمىنىڭ يادروسى بىلەن تۇخۇمنىڭ ياروسى قوشۇلۇپ زىگوتا ھاسىل بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ھايۋانلار (مەسىلەن، سۈت ئەمگۈچىلەر، قۇيرۇقسىز قوش ماكانلىقلار، بېلىقلار ۋە كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار) ۋە ئۆسۈملۈكلەر تاق سپېرمىلىق ئۇرۇقلىنىدۇ. كۆپ سپېرمىلىق (polyspermy) ئۇرۇقلىنىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. يەنى ئۇرۇقلىنىش ۋاقتىدا تۇخۇم ئىچىگە بىردىن ئارتۇق سپېرما كىرىدۇ. بىراق پەقەت بىرلا سپېرمىنىڭ يادروسى تۇخۇم يادروسى تۇخۇم ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ ئەتراپىغا تارقىلىپ، قوشۇمچە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. كۆپ سپېرمىلىق ئۇرۇقلىنىش ھادىسىسى نىسبەتەن ئازراق بولۇپ، قۇشلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە ئاز ساندىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار (مەسىلەن، ھاشاراتلار) دا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئەركەك جىنسىي ھۈجەيرىسى بىلەن چىشى جىنسىي ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى. بۇ خىل جەريان بىلىق تىپىدىكى جانلىقلاردا تەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىشتىن سىرت، باشقا جانلىقلاردا بولسا ئانا تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
<بوت> ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق نەسىللىنىشىدىكى سپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ قوشۇلۇشى.