UyghurMain Dictionary
ئۇرۇگۋايدىكى ئوتتۇز ئۈچ نەپەر ئۆچمەس زاتنىڭ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئۇرۇگۋاينىڭ برازىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1821 - يىلى ئۇرۇگۋاي پورتۇگالىيىگە قارام برازىلىيىنىڭ بىر شتاتىغا ئايلىنىپ قېلىپ، سىبوراتىن شتاتى دەپ ئاتالغان. 1822 - يىلى برازىلىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇگۋاي يەنىلا برازىلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىۋەرگەن. 1825 - يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى لاۋاللىژا (1784 - 1853) باشچىلىقىدىكى 33 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر يوشۇرۇنچە ئارگېنتىنادىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇرۇگۋاينىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان. 8 - ئايدا ئۇرۇگۋاي برازىلىيىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، ياردەمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئارگېنتىناغا قوشۇلۇپ كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن برازىلىيە ئارگېنتىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش ئۈچ يىلغا سوزۇلۇپ، برازىلىيە مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى ئارقىلىق برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا 1828 - يىلى 8 - ئايدا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇرۇگۋاينىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەن. لاۋاللىژا قاتارلىق 33 نەپەر كىشى <33 نەپەر ئۆچمەس زات> دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان.