UyghurMain Dictionary
ئۇرىلادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھۇررالىدى، ۋارقىرىدى.
ئەر ئۇرىلادى _ ئادەم ۋارقىرىدى، يەنى ھۆكىرىدى ( ئۇرىلار _ ئۇرىلاماق).
1 - 405
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆرەڭلىدى.
ئەر ئۇرىلادى _ ئادەم كۆرەڭلەپ كەتتى ( ئۇرىلار _ ئۇرىلاماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆزىن ئۆگنۈپ ئۇرىلادى
يىراق يېرىگ قارىلادى
ئاتىغ كەمشىپ ئۇرىلادى
ئۇفۇت بولۇپ تۆپۈ ئاغدى
{ئۆزىنى ماختاپ كۆرەڭلىدى،
يىراق يەرنى گەزلەپ كەلدى،
ئاتنى دېۋىتىپ ھۇررا سالدى،
رەسۋا بولۇپ تۆپە ئاشتى.}
ئۆز ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بىر باتۇرنى تەسۋىرلەپ شۇناق دەيدۇ: ئۇ كۆرەڭلەپ، ھەددىدىن ئاشتى، ئۆزىنى سالاپەتلىك كۆرسىتىپ، خۇددى يەرنىڭ تاناۋىنى تارتىغاندەك، ئات بىلەن ھەملە قىلىپ كېلىۋېدى، ئاخىرى شەرمەندە بولۇپ، دۆڭدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتتى.
1 - 406