UyghurMain Dictionary
ئۇقۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي، ماھىيەتلىك بەلگىسى.
ئىنسان ئۆزى سەزگەن شەيئىنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ. ئاق قار، ئاق ئات، ئاق قەغەز، قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى ئېلىنسا <ئاق> چۈشەنچىسى ھاسىل بولىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئوبيېكتنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تەپەككۇر شەكلى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئوبيېكتنىڭ نۇرغۇن بەلگىلىرى (ياكى خۇسۇسىيەتلىرى) ئىچىدىن ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى (خۇسۇسىيەتلىرىنى) ئابستراكتسىيىلەپ ئومۇملاشتۇرۇشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئۇقۇم شەكىللەنگەن باسقۇچتا، كىشىلەرنىڭ بىلىشى ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە كۆتىرىلگەن، شەيئىنىڭ ماھىيىتى ئىگىلەپ ئېلىنغان بولىدۇ. ئىلمىي بىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك ئۇقۇملارنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسىلاپ ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇقۇم سۆز ياكى سۆز گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇقۇمنىڭ ھەممىسىدە مېغىز بىلەن ھەجىم بولىدۇ. ئۇقۇم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ ئىجتىمائىي تارىخ ۋە ئىنسانلار بىلىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇقۇمنىڭ مېغىزى بىلەن ھەجمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىلا،ئۇقۇمنى توغرا تەتبىق قىلغىلى بولىدۇ. ئۇقۇمنىڭ مېغىزى ئۇقۇمدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوبيېكتنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن، «ئادەم» ئۇقۇمىنىڭ مېغىزى ئۇنىڭ تىلغا ئىگە بولۇشى، تەپەككۇر قىلالىشى، ئىشلەپچىقىرىش قورالىنى ياساپ ۋە ئۇنى ئىشلىتەلىشى، تۈرلۈك مۇرەككەپ ئەمگەكلەرنى قىلالىشى قاتارلىقلار. ئۇقۇمنىڭ ھەجمى ئۇقۇمدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوبيېكتلارنىڭ ھەممىسى. يەنى ئۇقۇمدا كۆرسىتىلگەن بارلىق شەيئىلەر. مەسىلەن، «ئادەم» ئۇقۇمنىڭ ھەجمىگە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر كىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لوگىكا
تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىدىن بىرى. ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىنسانلار بىلىش جەريانىدا ئۆزى ھېس قىلغان شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىۋېلىپ، ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، <ئاق قار>، <ئاق قەغەز>، <ئاق چېچەك>، <ئاق پاختا> دېگەنگە ئوخشاش شەيئىلەردىن بىر ئومۇمىي خۇسۇسىيەتنى يەنى <ئاق> نى ئايرىۋېلىپ، <ئاق> دېگەن ئۇقۇمنى ھاسىل قىلىدۇ.