Chinese→UyghurMain Dictionary
云杉
دېھقانچىلىق,گىئولوگىيە,ئۆسۈملۈك,يېزا ئىگىلىك
yún shān
شەمشادDئورمانچىلىق
yún shān
شەمشاتDئۇنىۋېرسال
yún shān
شەمشاد
بىئولوگىيە
قۇتۇر شەمشاد
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى رەتسىز يېرىلىپ تەڭگىچە ياكى ئازراق قېلىن پارچىغا ئايلىنىپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ كىچىك شېخىدا شالاڭ ئۆسكەن تۈك بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، يوپۇرماق گەجگىسى روشەن بولۇپ، ئاق چېڭى بولىدۇ. ئاساسلىق شېخىدىكى يوپۇرماقلار نۇرسىمان يېيىلىدۇ، يان شېخىدىكى يوپۇرماقلار يۇقىرىغا قاراپ يېيىلىدۇ. يوپۇرمىقى تۆت قىرلىق يىپسىمان، ئازراق ئەگرى، ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، تۆت تەرەپ يۈزىدە ھاۋا تۆشۈكچىلىرى سىزىقى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلى شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، تۈگۈن تەڭگىچىلىرى كۆپ بۇرمىسىمان تىزىلىدۇ، تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ قورساق تەرىپىدە ئىككى تال تۆرەلمە تۈگۈنى ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. شارچە مېۋىسى ئىككى ئۇچى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ئۇرۇق تەڭگىچىسى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئالدى ئۇچى دۈگىلەك كېسىك ياكى ئۆتمەس ئۈچبۇلۇڭسىمان بولۇپ، گىرۋىكى تولۇق ياكى ئىككىگە يېرىلىدۇ، تۆكۈلمەيدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى ئۈچ بۇرجەك قوشۇقسىمان بولۇپ، ئۇرۇقى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇرۇق قانىتى تەتۈر ئېللىپىسسىمان بولىدۇ. شەمشاد سىچۈەن، جياڭشىنىڭ غەربىي جەنۇبى، گەنسۇنىڭ جەنۇبى، خېنەن تاغلىق رايونى ۋە چىڭخەينىڭ شەرقىي قىسمىغا تارقىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 2400 - 3600 مېتىر ئېگىز ئورۇندا ئۆسىدۇ. يىلتىزى تېيىز، سايە، قۇرغاقچىلىق ۋە سوغۇق مۇھىتقا چىداملىق كېلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى ئەلا سۈپەتلىك بولۇپ، قۇرۇلۇش، ئايروپىلان، شىپال ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. قوۋزىقىدىن يېلىم ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ، غولىدىن دېۋىرقاي ئېلىنىدۇ. شەمشاد يەنى كۆكەرتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.