UyghurMain Dictionary
ئۇنچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
بەزى سۈپەتلەرگە باغلىنىپ كېلىپ <ئۇ قەدەر، دېيەرلىك> دېگەن مەنىدە سۈپەت بىلدۈرگەن خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاز ۋە كۈچسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
كارۋان شەھەرگە يېتىپ كېلىپ ئۇنچە چوڭ بولمىغان بىر سارايغا چۈشتى.
بەزى پېئىللار بىلەن كېلىپ <ئۇ قەدەر، بىر ئاز> دېگەن مەنىدە پېئىل بىلدۈرگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ كۈچسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
<شۇنداق> دېدىم مەن ۋە بۇ سۆزگە ئۇنچە ئېتىبارمۇ قىلمىدىم.