UyghurMain Dictionary
ئۇلۇس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
خەلق، ئەل، مىللەت، ئامما:
گۇشەئى ۋەيرانەدە يۈرسەم نىشىمەننى ئەجەب،
خاتىرىم ئاشۇفتەدۇر چۇنكىم ئۇلۇس غەۋغاسىدىن.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاھالى، خەلق، مىللەت، ئەل، دۆلەت؛ قاماق ئۇلۇس - بارلىق ئەللەر.
دۇنيا تارىخى
رۇسچە Hapohoctb دېگەن سۆزنى تەرجىمىسى. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مىللەت شەكلى. ئۇلۇستىن تەرەققىي قىلىپ چىققان مىللەتنى، يەنى قۇللۇق جەمئىيەتتىكى مىللەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇس ئاساسەن سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇ - بىر نەچچە ئۇلۇسنىڭ مەلۇم شارائىتتا بىرلىشىپ دۆلەتنى تەشكىل قىلىش جەريانى، شۇنداقلا ئۇلۇسنىڭ شەكىللىنش جەريانى. ئومۇمەن ئالغاندا، بۇ قەدىمكى دۇنيادا بىر قەدەر روشەن ئىپادىلەنگەن، مەسىلەن: قەدىمكى يۇناندىكى ئاتتىكادا ئافىنالىقلار تۆت قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى، سپارتا - دورىئانلار ئۈچ قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى، قەدىمكى رىمدىكى لاتىنلار ۋە سابىنلار ئۈچ قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى ۋە باشقىلار. ئۇلۇس ئىپتىدائىي قەبىلىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ زېمىنى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بىر - بىرىگە باغلانغان ئەمەس. تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا، دۆلەت بىرلا ئۇلۇستىن ھاسىل بولغان ئەمەس، ئوخشاش بىر ئۇلۇستىكىلەرمۇ بىر نەچچە دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، ئۇلۇس ئاساسەن قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن، ياۋروپادا كاپىتالىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى، فېئوداللىق تەپرىقىچىلىكنىڭ يوقىلىشى ۋە مىللىي بازارلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ كاپىتالىزم دەۋردىكى مىللەتكە ئايلانغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«ئۇلۇش» قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىللەت؛ خەلق.
بىر ئۇلۇس ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغىنى ئۈچۈنلا، ئۆز - ئۆزىگە خاس بىر ئۈلۈش بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يېزا، قىشلاق؛ شەھەر؛ مەملىكەت، دۆلەت؛ مىللەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەل، ئۇلۇس، خەلق.