UyghurMain Dictionary
ئۇكاما شىگېنوبۇ
دۇنيا تارىخى
(1838 - 1922). ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1898، 1914 - 1916 - يىللار). ساگا ۋاسساللىقىدىكى ۋاسسال بېگى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، خارجى ئىشلار جۇجۇقىنىڭ دادخاھى، پۇقرالار پىرقىسىنىڭ باش ياردەمچىسى، يانداش خەزىنە ۋەزىرى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1873 - يىلى خەزىنە ۋەزىرى بولغان، كۈرىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1874 - يىلى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلغاندا، <بەدۋىلەر ئىشلىرى جۇجۇقى> نىڭ باشلىقى بولغان؛ 1877 - يىلى غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىدا، جازا يۈرۈشى قىلىشنى ئومۇمىي باشقۇرۇش جۇجۇقىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ مەزگىلدە، ئىۋاگاساكى ياتارو بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىغان. 1878 - يىلى قوشۇمچە يەر بېجىنى ئىسلاھ قىلىش ئىشلىرى جۇجۇقىنىڭ لېدىرلىقىنى ئۆتىگەن. 1881 - يىلى ئاساسىي قانۇننى بالدۇر تۈزۈش ۋە پارلامېنت تەسىس قىلىش دېگەن تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىتو خىروبۇمى قاتارلىقلار بىلەن چىقىشالماي، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشنى ياخشىلاش پارتىيىسى قۇرۇپ، لېدىر بولغان ھەمدە توكيو مەخسۇس مەكتىپىنى قۇرغان (ۋاسېدا داشۆسىنىڭ ئاساسى). 1883 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارتىيىدىن چىقىپ كەتكەن. 1888 - يىلى 2 - ئايدا ئىتو خىروبۇمى باشچىلىقىدىكى 1 - نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. كورودا كىيوتاكا ۋاقتىدا ئىچكى كابىنېتتا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى يىلى شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئوڭ قانات ئۇنسۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، پارتلاشتا بىر پۇتىدىن ئايرىلغان. 1896 - يىلى 3 - ئايدا تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى قۇرغان. 9 - ئايدا ماتسۇكاتا ماسايوشى باشچىلىقىدىكى 2 - نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1898 - يىلى ئىتاگاكى تاسۇكې بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللەپ، باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئاساسىي قانۇنچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئاران تۆت ئاي ۋەزىپە ئۆتەپلا ئىستېپا بەرگەن. 1900 - يىلى ئاساسىي قانۇنچىلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى بولغان. 1910 - يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپ ۋاسېدا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1914 - يىلى 4 - ئايدا ئىككىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللىگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان ھەمدە گېرمانىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەسكەر ئەۋەتكەن. 1915 - يىلى 1 - ئايدا يەنە جۇڭگونىڭ يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونى يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان <21 ماددا> نى ئوتتۇرىغا قويغان.