UyghurMain Dictionary
ئۇياتچان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئار - نومۇسىنى بىلىدىغان، ھايالىق
نومۇسسىز قولۇم ئىشلىدى، نومۇسچان يۈزۈم ئۇيالدى. تارتىنچاق تارتىنىپ يۈرۈپ ئاچ قالىدۇ. يۈزى تۆۋەن يۈز تاپىدۇ. ئۇياتچان ئادەم سەۋرچان كېلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئار - نومۇس، شەرم - ھايانى بىلىدىغان.
نومۇسسىز، ئارسىز، ئۇياتسىز، يۈزسىز، قېلىن ، يۈزى قېلىن، ھاياسىز، بىھايا، داپشاق، داپ يۈز، يۈزى يوق، شەرمەندە، يۈزى ئابدۇخالىقنىڭ چەمى
ئار - نومۇس، شەرم - ھايانى بىلمەيدىغان.
نومۇسسىز قولۇم ئىشلىدى، نومۇسچان يۈزۈم ئۇيالدى. ئۇياتچان ئادەم سەۋرچان كېلىدۇ. نومۇسسىزنىڭ قىلغىنىغا ئۇياتاننىڭ يۈزى قىزىرىدۇ. ئۇياتلىق ئىش - ئۇلۇغ ئىش. نومۇسلۇق - ئابرۇيلۇق. ئار - نومۇسلۇق كىشى ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ. ھايالىق بول، ھۈرمەت تاپ. شەرم - ھايالىق قىز - ئاتا - ئانىسىنىڭ بەختى، ئىززەت - ھۈرمىتى. تارتىنچاق ئاچ قالىدۇ. يۈزى تۆۋەن يۈز تاپىدۇ. نومۇسسىز خوتۇن - تۇزسىز ئاش. يىگىت يارسىز بولماس، ئەل ئارىسىز. ئۇياتسىزنىڭ تىلى مىڭ غۇلاچ. ئېگىز تاغ قارسىز بولماس، مەرد يىگىت ئارىسىز بولماس. ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇق. يۈزسىز خوتۇن ئېرىنى يەرگە قارىتىدۇ. قېلىن قىيامەتتىن قورقمايدۇ. يۈزى قېلىننىڭ يۈزىگە قارىما. پۇلنىڭ كۆزى يوق، بېخىلنىڭ يۈزى. ھاياسىز يالغانغا ئېجىل. بىھايادا ئىمان يوق. داپشاق يىگىت - قاشاق يىگىت. داپ يۈزنىڭ يۈزىگە يىڭنە ئۆتمەيدۇ. شەرمەندە شەرم - ھايانى بىلمەيدۇ. ئۇ ئىزانى بىلمەيدۇ، يۈزى ئابدۇخالىقنىڭ چەمىدىنمۇ قېلىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۇيىلىشنى، ئار - نومۇس قىلىشنى بىلىدىغان، يۈزى تۆۋەن، تارتىنچاق.
قىز - بالا دېگەن ئۇياتچان، نازۇك كېلىدۇ.