UyghurMain Dictionary
ئۈزرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئۈستىدە، ئۈست تەرىپىدە، تۆپىسىدە.
كۆك ئۈزرە. يەر ئۈزرە.
كىرىپ شاھ سۇپا ئۈزرە ئولتۇرۇشتى، ئادەتتىكىچە دۇئا - تەكبىر قىلىشتى.
بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى <- دا، - دە، - تا، - تە> لەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆتەرمەكچى ئۇنىڭ شەنىگە بىر جام، كۆرۈلسۇن مەڭگۈ تارىخ ئۈزرە نام.
ئەگەرچە بولمىساق بۇ ئىشتا ھوشيار، قىلۇر بىزنى سىياسەت ئۈزرە تارمار.