UyghurMain Dictionary
ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
بەلگىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆستۈرگۈچتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى ساقلاپ ياكى ئېچىتىلىدىغان قويۇقلۇقىنى ساقلاپ ياكى ئېچىتىلىدىغان ئۆستۈرگۈچتىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سانىنى نىسپىي تۇراقلىق ساقلاپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئېچىتىش جەريانىدا ئېچىتىش ھەجىمىنى تۇراقلىق ساقلاش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن يېڭى ئۆستۈرگۈچنى بەلگىلىك سۈرئەتتە كىرگۈزۈپ تۇرۇش، يەنە بىر تەەپتىن، ئېچىتىش قاچىسىدىكى ئېچىتىلغان سۇيۇقلۇقنى ئوخشاش سۈرئەتتە چىقىرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش، مېتابولىزم مەھسۇلاتىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئېچىتىش جەريانىنى ماس ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېچىتىلغان مەھسۇلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندە ئىشلەپچىقىرىشتا ئېچىتىش دەۋرىنى قىسقارتقىلى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئەمگەك كۈچىنىشىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ ئادەتتە بۇ ئوزۇقلۇق ماددا ياكى ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ھۆجەيرە شەكلىگە ۋە تۈزۈلۈش تەركىبىگە بولغا تەسىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈپنى تاللاپ چىقىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، دەۋرى ئۇزۇن، ئارىلاش باكتېرىيىلەرنىڭ بۇلغىنىش پۇرسىتى كۆپ، باكتېرىيە ئۇرۇقلىرى ئاسان چېكىنىپ كېتىدۇ ۋە قېرىيدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ ئىشلىتىلىش ئنۈمى تۆۋەن بولىدۇ.