UyghurMain Dictionary
ئۈستۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى، يۈكسەك ھالەت.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. يامان يولداشتىن ياخشى ئات ئارتۇق. خەقنىڭ سېمىزلىكىدىن ئۆزۈڭنىڭ ئورۇقلۇقىنى ئۈستۈن بىل. سۆزى توغرىنىڭ ھۈرمىتى ئۈستۈن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەرىجە جەھەتتىن تۆۋەننىڭ تەتۈرى، ئورنى ئادەتتىكىدىن ئاشقان.
ئالىي نىشانغا بارىدىغان يول ھامان ئەگرى - توقاي. جاپا - مۇشەققەتلىك بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ يۈكسەك غايە ھەقىقەتكە يېتىشتۈر. تىنماي يۇقىرى ئۆرلىگەن يۇقىرىدىن نەپ ئالار. بىلىم ياخشى،_ دېدى پىر ئاڭا بىر كۈن، بىلىملىك ئالەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن. شەيتىنى غالىس كەلسە، ئىش غالىب كەلمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈستۈن تەرەپ، ئۈستۈن ئورۇن، ئېگىز تەرەپ، ئېگىز ئورۇن، ئۈستۈن دەرىجە.
تۆۋەن ، پەس
پەس تەرەپ، پەس ئورۇن، پەس دەرىجە.
سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا ماڭىدۇ. شامال تۆۋىنىدىن كېلىدۇ. ئاپتاپ يۇقىرىدىن. تۆۋەننىڭ يۇقىرىسى بار، يۇقىرىنىڭ تۆۋىنى. نەزەرى ئۈستۈن، نەرخى تۆۋەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى.
ئاست، ئاستىن، تەگ
نەرسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تۈۋى.
بولمىغۇر گېپىڭنى كېسەكنىڭ ئاستىغا تىق. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئاستىدا. ئادەم ئۈستىدە ئاسمان بار، ئادەم ئۈستىدە ئادەم. ئاستىن ئاتۇشتىن چىقىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا باردۇق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ. بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. تېگى يوق يەر بولسا، ئۈستى يوق ئاسمانمۇ بار. تۆپىسى يوقنىڭ تېگىمۇ يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈستۈن.
ئاندان ئۈستۈن _ ئاندىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن.
1 - 147
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۈستى تەرىپىدىكى، ئۈستىدىكى ، ئۈستۈنكى.
ئۈستۈن تاش. ئۈستۈن قاپاق.
يۇقىرى، ئۆرە، ئېگىز؛ ئارتۇق، يۈكسەك، ئالىي.
دۈشمەن ئۆزىگە قارىغاندا ئۈستۈن غايىگە ئىگە بولغان بۇ يىگىتنىڭ مۇھەببەت ئالدىدا ھودۇقۇپ قالغانلىقىدىن ئىچىدە كۈلدى.
جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ.
روھى ئۈستۈن. كەيپىياتى ئۈستۈن.
ئەرزان ئەمەس، ئۆرە، قىممەت، يۇقىرى.
تەننەرخى ئۈستۈن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئۇلارنى ئارقىدا قالدۇرغان، غالىب كەلگەن كىشى.