UyghurMain Dictionary
ئۈستكى يۈزىدە ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزمنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى. باكتېرىيىسىز ئۆستۈرگۈچنى (سۇيۇق ياكى قاتتىق) دۆڭ تەخسىگە نېپىز يېيىپ، ئۇنىڭغا مىكرو ئورگانىزمنى ئېكىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن دېزىنفېكسىيىلەپ، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكى مۇۋاپىق بولغان بەلگىىك بوشلۇقتا تىپتىنچ قويۇپ ئۆستۈرگەندە، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن زور مىقداردىكى مەھسۇلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۈستكى ئۆستۈرۈش نىسبەتەن چوڭراق ئورۇننى تەلەپ قىلىدۇ، ئاسان بۇلغىنىدۇ، ئۆستۈرگۈچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ھالدا چوڭقۇر قەۋەتتە ھاۋا ئۆتكۈزۈپ ئۆستۈرۈش ئىگىلەۋاتىدۇ.