UyghurMain Dictionary
ئۈنچىقماس
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۆزلىمەيدىغان، جىم تۇرىدىغان.
ۋالاقتەككۈر، كاسكى، ۋات - ۋات، ۋىت - ۋىت، كاسكاس، گەپ ئانىسى، گەپ خالتىسى، ئۇششاق سۆز
ئورۇنسىز، قۇرۇق گەپنى دائىم ۋە تولا سۆزلەيدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. كاس - كاسقا قۇلىقىڭنى خار قىلما. كاسكىدىن دۆت ئارتۇق. بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن. گەپ قىلساڭ، ۋالاقتەككۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس. جىمجىت سۇ چوڭقۇر بولار، ئۈنچىقماس ئەر تەدبىرلىك. ۋىت - ۋىت خوتۇن ئۆي بۇزار. كاسكىنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. ئۇششاق سۆز ئەل بۇزار. گەپ ئانىسى گەپتىن قالسا، كۈنى تەس. گەپ خالتىسىنىڭ خالتىسى تۆشۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۈن + چىقماس
سۈپەت
ئۈن چىقمايدىغان، زۇۋان سۈرمەيدىغان، كۆپ گەپ قىلمايدىغان، ئۈندىمەس؛ گەپ قىلماس.
ئۈنچىقماس ئادەم.