UyghurMain Dictionary
ئۈلگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە ئۆگىنىشكە، تەقلىد قىلىشقا ئەرزىيىدىغان ئۆلچەملىك ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەت.
بالىغا تەنقىد بەرگۈچە، نەمۇنە كۆرسەت. ئۇ بىزنىڭ نەمۇنىمىز. ياخشىدىن ئۈلگە قالار، ياماندىن كۈلكە. بالىلارغا ئۈلگە بول. يۇقىرىغا قاراپ ئۆرنەك ئال، تۆۋەنگە قاراپ ئىبرەت. ئىشتا ئۆرنەك كۆرسەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەۋرىشكە، نۇسخا، ھەممە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش - ھەرىكەت.
ئىبرەت
ساۋاق، ھەممە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىش - ھەرىكەت.
يۇقىرىغا قاراپ ئۆرنەك ئال، تۆۋەنگە قاراپ ئىبرەت. باتۇرنىڭ جاسارىتى ھەممىگە ئۈلگە. بالىغا تەنقىد بەرگۈچە، نەمۇنە كۆرسەت. ياخشىدىن ئۈلگە، ياماندىن كۈلكە. دۇنيا - ئىبرەت سارىيى.
بىئولوگىيە
باشقا بىر چوڭ مولېكۇلىنىڭ سىنتېزلىنىشى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغان بىر چوڭ مولېكۇلىدۇر. ئۈلگە ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلاپ ئوخشاش بىر ياكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان چەكلىك تۈزۈلۈشنىڭ تەركىبلىرى (مەسىلەن، تۆت خىل نۇكلېئوتىد، 20 خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار) پولىمېرلىشىپ چوڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەسلىدە بار بولغان چوڭ مولېكۇلىلىق ئۈلگە بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن DNA نىڭ نۇسخىلىنىشىدا DNA نىڭ بىر تال زەنجىرى ئۆز ئارا تولۇقلىغۇچى زەنجىرىنىڭ سىنتېزلىنىشىدا ئۈلگە بولىدۇ؛ كۆچۈرۈلۈشتە DNA نىڭ بىر تال تاق زەنجىرى RNA نىڭ سىنتېزلىنىش ئۈلگىسى بولىدۇ؛ تەرجىمە قىلىنىشتا بىر تال mRNA زەنجىرى پولىپېپتىد زەنجىرىنىڭ سىنتېزلىنىش ئۈلگىسى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان، دورايدىغان، ئۆگىنىشكە، نەمۇنە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم، ئىش، نەرسە ياكى ئۇسۇل؛ نەمۇنە، تىپ.
ئۈلگە بولماق. ئۈلگە ياراتماق. ئۈلگە ئالماق. ئۈلگە قىلماق.
بىر تۈردىكى نەرسىلەردىن ئېلىنغان نۇسخا، ئەۋرىشكە.
بۇ ئوردىنى ئەخمەت بەگ بېيجىڭ خانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە سالدۇرغانىدى.