UyghurMain Dictionary
ئۈجمىسىمان تۆرەلمە
بىئولوگىيە
<مورۇلا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىلىك تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى بىر باسقۇچى. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم كۆپ قېتىمىق بۆلۈنگەندىن كېيىن، سانى مۇقىم بولمىغان بۆلۈنگەن شارچىلار بىرگە توپلىنىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ بۇنداق توپلانما ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى شەكلى ئۈجمىگە ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بۇ مەزگىلنىڭ ئالاھىدىلىكى بۆلۈنگەن شارچىلار ئارىسىدا دېففېرېنسىيىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يوقلۇقى ۋە قەۋەت ھاسىل قىلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت.