Chinese→UyghurMain Dictionary
约翰逊
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
yuē hàn xùn
جوخنسون
دىن
yuē hàn xùn
基
خىرىستيان دىنى
يوھانسون، ھېۋلېت يوھانسون
دۇنيا تارىخى
جونسون
(1) ئاندىرېۋ جونسون (0818 - 1875) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1865 - 1869). شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى بىر چېركاۋ لاۋازىمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاتىسىدىن يېقىم قېلىپ، مۇنتىزىم تەربىيىگە ئېرىشەلمىگەن. گىرىنۋىل شھىرىنىڭ ئالىي پالاتا ئەزاسى ۋە شەھەر باشلىقى بولغان. 1835 - 1843 - يىللىرى تېننېس شتاتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1843 - 1853 - يىللىرى قوشما شتات پارلامېنتى دېموكراتلاr پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1853 - 1857 - يىللىرى تېننېس شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1857 - 1862 - يىللىرى قوشما شتات ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. سىياسىي جەھەتتە لىنكولىن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، قوشما شتاتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىپ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1862-يىلى تېننېس شتاتى ھەربىي قوماندانى بولغان. 1864 - يىلى 4-ئايدا لىنكولىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. جەنۇبنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە لىنكولىننىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، نېگىرلارغا سايلام ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدىكى <پۇقرالار ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى> ۋە جەنۇبتىكى ئىسيان كۆتۈرگەن شتاتلارغا قارىتا ھەربىي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى 1867-ىلىدىكى جەنۇبنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقى توغرىسىدىكى قانۇ نلايىھىسىنى رەت قىلغان، لېكىن پارلامېنتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىشقا ئاشمىغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە 7 مىليون 200 مىڭ دوللار خەجلەپ روسىيىدىن ئالياسكىنى سېتىۋالغان. (2) ۋىلھىلم ليۇدۋىگ جونسون (1857 - 1927) دانىيىلىك بوتانىڭ ۋە ئىرسىيەتشۇناس. كوپېنھاگېن، گېرمانىيە، فىنلاندىيىلەردە ئوقۇغان. دانىيە يېا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولغان. يېسى پۇرچاق ئۇرۇقىنى تاللاش تەرجرىبىسى بىلەن نەتىجە قازىنىپ <ساپ لىنىيە تالىماتى> نى بەرپا قىلغان ھەمدە ئىرسىيەت ھادىسىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا شەرھلەپ، گېن، ئىرسىيەت تىپى، ئىپادىلىنىش تىپى قاتارلىقلارغا تەبىر بەرگەن. <ئىرسىيەت مۇھىم ئامىللىرى>، <تارىخى ۋە تەجرىبە تەتقىقاتتىن ئىرسىيەتكە نەزەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) لىيىنىدون بېنىس جونسون (1908 - 1973) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1963 - 1969). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. تىكساس شتاتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانى خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. غەربىي جەنۇب پېداگوك ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمى بولغان. 1937 - 1948 - يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1949 - 1961 - يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان.1961 - يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، كېننېدى سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېين، ئۇنىڭ ئورنىا زۇڭتۇڭ بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە <چوڭ ئىجتىمائىيلىشىش> نى بەرپا قىلىش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداقتۇر <نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىش> ئۈستىدە قۇرۇق گەپ ساتقان، نامرات نېگىرلارنىڭ توپىلىڭى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، سىرتقا قارىتا ۋيېتنامغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى بومباردىمان قىلغان. جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ئەسكىرىنى كۆپەيتكەن. قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى ئەترىتىنى دومىنكىغا ئەۋەتىپ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، ئۇنىڭ <جونسۇن ئەسلىمىلىرى> نامىلق ئەسىرى بار