Chinese→UyghurMain Dictionary
约翰生
دۇنيا تارىخى
جونسون
(1709 - 1784) ئەنگلىيە يازغۇچىسى، شائىرى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى. 1728 - يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان كېيىن كىتاپپۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى كونسېرىۋاتىپ بولغان. ئۇ تۇنجى <ئىنگلىز تىلى لۇغىتى> نى تۈزۈپ چىققان. <شىكىسپېر درامىلىرى توپلىمى> نى تەھرىرلەپ ئىزاھلاپ چىققان. ئۇنىڭ <ئىنسانلار ئۈمىدىنىڭ خىياللىقى> نامىلق شېئىرى، <راسېىس> ناملىق ھېكايىسى <شائىرلار تەرجىمىھالى> نامىلق باھا خاراكتېرلىك تەرجىمىھال ئەسەرلىرى بار.