Chinese→UyghurMain Dictionary
约翰三世
دىن
约翰三世(学者
yuē hàn sān shì
基
خىرىستيان دىنى
يوھان Ⅲ، ئۆلىما يوھان Ⅲ
دۇنيا تارىخى
يوئان Ⅲ
(1) يوئان Ⅲ (ۋاتاتزېس، 1193 - 1254) نېسىيە ئىمپېراتورى (1222 - 1254). تەختتىك مەزگىلىدە ئەركىن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا تايىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلغان. 1225 - يىلى لاتىنلارنىڭ قولىدىن كىچىك ئاسىيانىڭ (كونستانتىنوپول بىلەن دېڭىز ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرغان نىكومىدىيە رايونىدىن باشقا) نىڭ كۆپ قىسمى بىلەن دېڭىز بويىدىك سامۇس ۋە رود ئاراللىرىنى قايتۇرۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، 1235 - ۋە 1246 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا فېراكىيە ۋە تىسالۇنىكانى ئىگىلىۋالغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېپروس پادىشاھلىقىنىمۇ بويسۇندۇرغان.ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى كېيىنكى ۋىزانتىيىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. (2) يوھان 3 (1537 - 1592). شۋېتسىيە كورۇلى (1568 - 1592). گوستاۋاۋازىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئېرىك ⅩⅣ نىڭ ئاتابىر، ئانا باشقا ئىنىسى. ئېرىك ⅩⅣ نىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شۋېتسىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان پولشا كورۇلىنىڭ سىڭلىسى كاتارېنا ياگېللونىكا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاخىرى ئىككىسىنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1563 - يىلى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ (ئىجرا قىلىنمىغان)، بۇسخۇلىم قەلئەسىگە قاماپ قويۇلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۋېتسىيە بىلەن دانىيىنىڭ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر ئانا باشقا ئىنىسى چارلېس بىلەن بىرلىشىپ ئېرىك ⅩⅣ نى تەختتىن قالدۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1570 - يىلى روسىيىگە قارشى تۇرۇش غەرىزىدە دانىيە بىلەن <سىتتېن سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغا. 1572 - يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئىستۇنىيىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئەينى زاماندا پولشاغا قاراشلىق لىۋونىيىگەقوشۇۋېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئوغلى سىگىزمۇند (كېيىنرەك سىگىزمۇند Ⅲ دەپ ئاتالغان) نىڭ پولشا پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاقسۆڭەكلەرگە بەزى ئىمتىيازلارنى بېرىپ، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مونارخىزمنىڭ قارىمۇ - قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ يەنە كاتولىك دىنىغا يان بېسىپ لۇتېرچى مىسسىئونېرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.