UyghurMain Dictionary
ئۈگرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىرنى ئىنچىكە كېسىپ، گۆش ۋە چامغۇر قاتارلىق كۆكلەر سېلىنغان سۇدا پىشۇرۇلغان غىزا.
<گامەن> خەنزۇچە: 挂面
ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت. چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە. تەمسىز سۇيۇقئاش تۈگىمەس. مېھمان كەلگەندە سۇيۇقئاش، كېتىشتە قويۇقئاش. كەسمە چۆپ كەڭرىچىلىك. تەييار گامەن ئېلىپ قويدۇم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈگرە.
سۇيقاشنىڭ بىر تۈرى. ئۇ چۆپتىن سۇلۇق، لەززەتلىكرەك بولىدۇ.
1 - 171
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خېمىرنى يۇپقا يېيىپ، ئىنچىكە كېسىلگەن چۆپ.
ئەكبەر كەچلىكى يەڭگىسى ھەجەر بۈۋىنىڭ ئاشكۆكى بىلەن پىننىنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرغان مەززىلىك ئۈگرە ئېشىنى تازا ھۇزۇرلىنىپ ئىچتى.
شۇنداق چۆپ بىلەن ئېتىلگەن سۇيۇقئاش.
ئۈگرە ئەتمەك. ئۈگرە ئىچمەك.
ئۈگرىنى تاشلاپ، تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ، ئارمان يەپتۇ (ماقال).