Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
三头同盟
sān tóu tóng méng
ئۈچ كاتتىباش سىياسىي ياكى ئۈچ نوچى سىياسىيسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھوقۇقلۇق ۋە كۈچلۈك ئۈچ ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئىككى قېتىملىق سىياسىي ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە رىمدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت ھوقۇقى بارا - بارا ئاز سانلىق گېنېراللارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. ئىككى قېتىمدىكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى رىمنىڭ جۇمھۇرىيەتتىن ئىمپېرىيىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق شەكلى ئىدى. (1) ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى كائېسار پومپېيۇس ۋە كراسسۇسلار مەخپىي تۈزگەن. ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن كائېسار مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرى ئارخون بولۇپ، پومپېيۇسنىڭ شەرقتە قوللانغان تەدبىرىنى تەستىقلىغان، پومپېيۇس بىلەن كراسسۇسقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، پومپېيۇسنىڭ قوشۇنىدىن چېكىنگەن كونا ئەسكەرلەرگە يەر تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەمدە باج ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ بەرگەن. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى كائېسار تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، كۈچىنىڭ بارىچە پۈتۈن گاللىيىنى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى <ئۈچ كاتتىباش> ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن، شىمالىي ئېترۇرىيىدىكى رۇككادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، كائېسار گاللىيىنىڭ باش ۋالىيلىقىنى يەنە بەش يىل ئۆتەيدىغان، پومپېيۇس بىلەن كراسسۇس مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇقىنى ئۆتەيدىغان، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پومپېيۇس ئىسپانىيىنى، كراسسۇس سۈرىيىنى بەش يىل باشقۇرىدىغانغا كېلىشكەن. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى، كراسسۇس ئانىساك (پارتنيا) تىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. پومپېيۇس سېنات بىلەن كائېسارنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا قەست قىلغان، مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ جەڭ قىلغان، كائېسار رىمنى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى پارسالۇس ئۇرۇشىدا پومپېيۇس مەغلۇپ بولۇپ مىسىرغا قېچىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى ئاخىر پارچىلىنىپ كەتكەن. كەينىدىنلا كائېسار ھاكىممۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. (2) كېيىنكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋيۇس ( كېيىن ئاۋگۇستۇس دەپ ئاتالغان)، ئانتونيۇس ۋە لېپىدۇس ئوچۇق - ئاشكارا تۈزۈشكەن، سېنات ۋە پۇقرالار كېڭىشى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، دۆلەتكە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. <ئۈچ كاتتىباش>، <ئورتاق دۈشمەن ئېلانى> نى يولغا قويۇپ، ياتلارنى چىقىرىۋەتكەن، يەنە بالقان يېرىم ئارىلىدا كائېسارنى ئۆلتۈرگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر (كېشىيۇ، برۇنۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان) نى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن. مىلادىدىن 40 يىل ئىلگىرى <ئۈچ كاتتىباش> تەسىر دائىرىسىنى مۇنداق بۆلگەن: ئانتونئۇس شەرقىي رايوننى ئىدارە قىلىدىغان، ئوكتاۋيۇس ئىتالىيە، گاللىيە ۋە ئىسپانىيىنى ئىدارە قىلىدىغان، لېپىدۇس ئافرىقىنى ئىدارە قىلىدىغان بولغان. مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. ئوكتاۋىئۇس بىلەن ئانتونئۇس ئاشكارا پۇت تېپىشىپ يۈرگەن. ئانتونئۇس مىسىردا ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ ھېسابلىغان. سېنات ئوكتاۋىئۇس بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئاكتىئۇم ئۇرۇشىدا ئانتونئۇس مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى ئاياغلاشقان. ئوكتاۋىئۇس دۆلەت باشلىقى سىياسىتىنى بەرپا قىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسى رەسىمى ئورنىتىلغان.