UyghurMain Dictionary
ئۈچ ياپراقلىق قۇرت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئۈچ ياپراقلىق قۇرت بۇنىڭدىن600 مىليون يىلدىن200 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان قەدىمكى بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان ئىدى، ئەينى چاغدا پۈتۈن دېڭىز - ئوكيانلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىگىلىگەن بولۇپ، پالېئوزوي (قەدىمكى ھاياتلىقلار) ئېراسىدىكى بىر زومىگەر ئىدى. مېزوزوي (ئوتتۇرا ھاياتلىقلار) ئېراسىغا كەلگەندە نەسلى تامامەن قۇرۇپ كەتكەن.
ئۈچ ياپراقلىق قۇرت تېنىنىڭ شەكلى ياپىلاق، كەڭ، دۈمبىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئىككى يان تەرىپى بىرقەدەر ياپىلاق. دۈمبىسىدە ئىككى تال ئۇزۇنىغا كەتكەن ئېرىقچىسى بار بولۇپ، تېنىنى ئۈچ ياپراققا ئايرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۈچ ياپراقلىق قۇرت دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، چوڭ - كىچىكلىكىمۇ بىردەك ئەمەس، ئەڭ ئۇزۇنلىرى75 سانتىمېتىر بولۇپ، ئەڭ كىچىكلىرى1 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدۇ. تېنى باش، كۆكرەك، قۇيرۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، سىرتقى يۈزى سىلىق، بېشىدا يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ساۋۇتى بار، ساۋۇتىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ. ئاغزى باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ مەركىزىگە جايلىشىدۇ، تېنىنىڭ ھەربىر قىسمى سانى تۇراقلىق بولمىغان تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن، ھەربىر تەن بوغۇمىدا بىر جۈپتىن پۇتى بولىدۇ، باش قىسمىنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىكى پۇتى سېزىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە ئۇزۇن سەزگۈ مۈڭگۈزچىگە ئايلانغان.
ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ تاشقاتمىلىرى دېڭىز ھايۋانلىرى (مەسىلەن، مارجانلار، دېڭىز گۈلسامسىقى، بېغىش پۇتلۇقلار، باش پۇتلۇقلار) نىڭ تاش قاتمىلىرى بىلەن بىرلىكتە تېپىلغان. بۇ ئۇنىڭ دېڭىزدا ياشىغانلىقى ھەمدە دېڭىزدىكى ھەرخىل چوڭ - كىچىك ھايۋانلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۈچ ياپراقلىق قۇرت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پالېئوزوي ئېراسىنىڭ يەر قاتلىمىغا كەڭ تارقالغان. ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ دۇنيا بويىچە تېپىلغان تاشقاتمىلىرىنىڭ تۈرى4000 خىلدىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىز ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ تاشقاتمىلىرى ئەڭ كۆپ تېپىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،1000 دىن ئارتۇق تۈرى بار.
بىئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىنىڭ بىر سىنىپى ئىندىۋىدىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 2 - 7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1 - 3 سانتىمېتىر، لېكىن ئەڭ كىچىكلىرى 0.6 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭلىرى 75 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. دۈمبە قاپچۇقىدا بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە ئىككى تال دۈمبە (ئوقى) ئېرىقچىسى بولۇپ، ئوتتۇرىسى ئوق قىسمى ياكى ئوتتۇرا ئوق ياپرىقى دېيىلىدۇ، ئىككى يېنى قوۋۇرغا قىسمى ياكى قوۋۇرغا ياپرىقى دېيىلىدۇ. شۇڭا ئۈچ ياپراقلىق قۇرت دەپ ئاتالغان. توغرىسىغا ئالدى، ئوتتۇرا ۋە ئارقا قىسىملىرىغا بۆلۈنىدۇ. ئالدى قىسمى بېشى بولۇپ، ئاساسەن باش قالقىنى ۋە بويۇن قىسمىدىن تۈزۈلگەن؛ باش قالقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۆرتۈپ چىققان باش ئويمانچىسى (ئىگىرى) بولىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى كۆكرىكى بولۇپ بوغۇملانغان، ئېگىلەلەيدۇ، ئارقا قىسمى قۇيرۇق قورساق قىسمىدا ئېغىز، ئانتېننىسى پۇتلىرى ۋە ناسوسى بار. دېڭىزدا ياشايدۇ، كۆپچىلىكى سۇ تېگىدە ھايات كەچۈرىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى لاي - قۇملارغا يوشۇرۇنۇپ ياكى لەيلەپ يۈرۈپ ياشايدۇ. كېمبرىي دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلىرى، ئۇرۇقداش، تۈرلىرى پەيدا بولۇپ، كېمبېرىي دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھەم ئوردوۋىك دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپەيگەن. سىلۇر دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي زەئىپلىشىپ ئىككىلەمچى دەۋرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. پۈتۈن دۇنيادا 1500 ئۇرۇقداش 10 مىڭ تۈرى تېپىلغان. مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى تېز، ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك، گېئولوگىيىلىك مۇساپىسى قىسقا ھەم سانى كۆپ، تارقىلىشىمۇ كەڭ بولغاچقا يەر قاتلاملىرىنىڭ دەۋرىنى ئېنىقلاشتىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئۆلچەملىك قالدۇق تاشقا ئايلانغان. بولۇپمۇ قەدىمكى ھايات ئېراسىدىكى كېمبرىي ۋە ئوردوۋىك - ئىككى دەۋرنىڭ يىل - مەزگىللىرىنى ئۈچ ياپراقلىق قۇرتتىن پايدىلىنىپ ئېنىقلاش ناھايىتى ئىشەنچلىك.