UyghurMain Dictionary
ئۇدۇندىكى دىنىي جەڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 910 - 6100)قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن ئۇدۇندىكى بۇددا دىنى ھاكىمىيتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تەخمىنەن 910 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلىپ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. مۇسابننى ئابدال كەرىم 955 - يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، داۋاملىق جەڭ قىلدى. ئۇبۇل ھەسەن ئەلى تەختكە چىققان دەۋردە ئۇدۇن قوشۇنلىرى قەشقەرنى بىر مەھەل مۇھاسىرىگە ئالدى. كېيىن ئۇبۇل ھەسەن ئەلى قوشۇن باشلاپ ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلدى. ئىككى تەرەپ قاغىلىقنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا يەتتە كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىپ، ئېغىر چىقىم تارتىپ، ھېچقايسى تەرەپ غەلىبە قىلالماي، ئۆز يۇرتلىرىغا چېكىندى. 996 - يىلى قەشقەردە قوزغىلاڭ بولغان پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۇدۇن قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. بەش ئايدىن ئارتۇق جەڭ قىلىش ئارقىلىق قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى قەشقەرنى ياندۇرۇۋالدى، ئۇدۇن قوشۇنلىرى يېڭىسارنىڭ يېنىدا ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە قاراخانىيلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. ئۇبۇل ھەسەن ئەلى يېڭىسار ئەتراپىدىكى جەڭدە قازا قىلدى. ئۇدۇن قوشۇنى قەشقەرنى يەنە ئىشغال قىلىۋالدى. يۈسۈپ قادىرخان تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، 140 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاپ، 999 - يىلى قەشقەرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلىپ، جۇكىت، نۇقىت قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە ئۇدۇننى ئىشغال قىلدى. ئۇدۇن قوشۇنى قاراقۇرۇم تاغلىرىغا چېكىندى. 1000 - يىلى سۇلېنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ئۇدۇن قوشۇنى قارشى تەرەپ ئادەملىرىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يۈسۈپ قادىرخان قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇدۇننى قايتۇرۇۋالدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى 1500 - يىلى ئۇدۇنغا يەنە ھۇجۇم قىلدى. ئىككىنچى يىلى جۇكىت ۋە نۇقىتنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇدۇننى ئاخىر بويسۇندۇردى. بىر ئەسىر داۋاملاشقان ئۇرۇش قاراخانىيلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسلام دىنى ئۇدۇندا بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئالدى.