ئۇدھىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇد+ھىندى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. ياغىچىنىڭ ئوتتۇرىسى قىزىل، قاينىتىش ئارقىلىق قىزىل بوياق ئېلىنىدۇ. يىلتىزىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ. قىزىل بويىقى دورا بولىدۇ، ھەيز كەلمەسلىك، سۇنۇق قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.