UyghurMain Dictionary
ئۇچقۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتنىڭ كۆيگەن ھالىتى: ئۇچقۇن كۆيۈپ چاچرىغان، يالقۇن لاۋۇلداپ يانغان، يانغىن كۆيۈپ ئۆرلىگەن ھالەت.
كىچىككىنە ئۇچقۇن پۈتۈن كوچىنى ۋەيران قىلار. كۈلدىن يالقۇن چىقىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ چاچرىشىدىن ياكى نەرسىلەرنى سۈركەشتىن چىققان ئوت پارچىسى.
تاماكا ئورۇدۇم، ئەمما ئىچىگە قۇم - توپا توشۇپ كەتكەن چاقمىقىمدىن بىرەر تال ئۇچقۇنمۇ چىقمىدى.
نەرسىلەرنىڭ چاچرىغان، توزىغان ئۇششاق پارچىلىرى، زەررىچىلىرى.
قاش قارايغان چاغ ھاۋا سوغۇق، ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ تۇراتتى.
كۆچمە. سەزگۈ، ھېسسىيات، روھىي ھالەت قاتارلىقلار ئىپادىلىگەن كىشى سىياقىدىكى مەلۇم ئالامەت، بەلگە.
مەستۈرەنىڭ كۆزلىرىدە كۈلۈمسىرەش ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئۇچقۇنجان
بۇ يەردە ئوت ئۇچقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قىممەتلىك، يۈكسەك؛ ئۇچىدىغان، چاپقۇن؛ يېتىلگەن، قولى تېز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قىممەتلىك، يۈكسەك؛ ئۇچىدىغان، چاپقۇن؛ يېتىلگەن، قولى تېز؛ ئوت ئۇچقۇنى.