UyghurMain Dictionary
ئۇچقات
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
پاكار قارا قارىغاي.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۇچقات ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۇچقاتقا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئۇششاق قاتتىق تۈكلىرى بولىدۇ؛ غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، كونا شېخى كۈمۈش رەڭدە، قارا داغلىق چېكىتلەر بولىدۇ، بۇغۇمى زورايغان، كۆپىنچە ئىككى تال بىخ تەڭگە يوپۇرماق قالدۇقى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، يوپۇرماق يۈزى تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق يۈزى قېنىق يېشىل، ئارقا تەرىپى بىر ئاز كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ گۈلى جۈپ بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، ئىككى تال تەرەققىي قىلغان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولۇپ، ساقلىنىپ تۇرىدۇ؛ گۈل تاجىسى كانايسىمان ئىنچىكە ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئۇچى تۆتكە بۆلۈنگەن، ئاۋۋال ئاق رەڭدە بولۇپ، ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، مېۋىسى شىرلىك ئۇزۇنچاق، قىزىل بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غۇنچىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرىدە گۈلى ئېچىلىشقا ئاز قالغاندا ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق ئورمان ئارىلىرى، دەريا ۋادىلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 20 گرام، مامكاپتىن 15 گرام، سوغىگۈلدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام، ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئۇچقاتنى 12 گرام كىرەش، 10 گرام مامكاپ، 12 گرام چۇقا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 35 گرام، مامكاپتىن 20 گرام، ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدىن 15 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 35 گرام، بوز تىكەندىن 20 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئۇچقاتنى سەككىز گرام قوڭغۇراقگۈل، 10 گرام يالپۇز، تۆت گرام خام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 25 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، شامالدىن بولغان زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 35 گرام، مودەن يىلتىز پوستىدىن 12 گرام، خام تەسۋىقوناقتىن 20 گرام، رەۋەندىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 12 گرام، مامكاپتىن 20 گرام، بوز تىكەندىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سوقۇر ئۈچەيگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئۇچقاتنى 18 گرام مامكاپ، 12 گرام بىنەپشە، سەككىز گرام خام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىقان ۋە غەلۋىرەكلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 20 گرام، ئىشلەنگەن سوپۇندەرەخ تىكىنىدىن 12 گرام، 20 گرام كەتىرا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىيقان ۋە غەلۋىرەكنىڭ ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئۇچقاتنى 35 گرام كەتىرا، 30 گرام پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام زۇلفا شېخى، سەككىز گرام ماڭدار، 12 گرام قارىمۇچ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
ئۇچقات ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يېرىم يېشىل تۇرىدىغان يېيىلىپ ئۆسىدىغان چاتقال. يۇمران شېخىدا يۇمشاق تۈكچىلەر ۋە بەزلىك تۈكچىلەر زىچ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. كەڭ تۆمۈنە شەكىللىكتىن تۇخۇمسىمان ئېللىپس شەكىللىككىچە بولىدۇ، يېڭى چىققاندا ئالدى - كەينىدە تۈكى بولىدۇ، كېيىن ئۈستۈنكى يۈزىدىكى تۈكچىلەر چۈشۈپ كېتىدۇ. گۈلى قولتۇققا جۈپ بولۇپ ئۆسىدۇ، شاخنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن ئۆسۈپ چىققان گۈلىنىڭ سېپى بىرئاز ئۇزۇن، شاخنىڭ ئۇچىغا يېقىن يېرىدىن ئۆسۈپ چىققان گۈلىنىڭ سېپى بىرئا قىسقا بولىدۇ، باشاقسىمان گۈل رېتىدەك زىچ ئۆسىدۇ؛ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك يوپۇرماقسىمان بولىدۇ. گۈل كاسا نەيچىسىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ؛ گۈلتاقى ئاۋۋال ئاق كېيىن سېرىق، خۇش پۇراق بولىدۇ. سىرتىدا يۇمشاق تۈكچىلەر ۋە بەزلىك تۈكچىلەر بولىدۇ، شاكىلى كالپۇكسىمان بولۇپ ئۈستۈنكى كالپۇكى تۆتكە يېرىلىدۇ ھەم تۈز بولىدۇ، ئاستىنقى كالپۇكى كەينىگە يۆگىلىدۇ. ئاتىلىق بىلەن ئانىلىق گۈلتاجىسىدىن ئازراق چىقىپ تۇرىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكىللىك قارا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، چاۋشيەن ۋە ياپونىيىلەردىمۇ بولىدۇ. يول ياقىسى، تاغ باغرىدىكى چاتقاللىق ياكى شالاڭ ئورمانلىقتا ئۆسىدۇ، تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. گۈل ۋە غولى (پېلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دورا قىلىىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسەن ئىسسىق ئۆتۈشتىن بولغان تولغاق، غەلۋىرەك ئىششىقى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ؛ دىسستىللەنگەن سۈيىنى ئۆتۈپ كەتكەن ئىسسىقنى قايتۇرغۇچى ئىچىملىك قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۇچ + قات
ئىسىم
بوتانىكا
ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئۇزۇن ئېللىپىش شەكلىدە، گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا ئاق بولۇپ كېيىن سېرىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، پۇراقلىق بولىدۇ. مېۋىسى قارا رەڭلىك، يوپۇرماق ۋە گۈللىرى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ياغىچى قاتتىق، يىك ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.