Chinese→UyghurMain Dictionary
愿望
ئۇنىۋېرسال
yuàn wàng
تىلەك؛ ئارزۇ؛ ئۈمىد؛ ئىستەك
پسىخولوگىيە
ئارزۇ
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىستەك، ئۈمىد، ئارمان، ئىنتىلىشلەردىن ئىبارەت بولۇپ، «ئېھتىياج» نىڭ بىر خىل تۇيغۇ شەكلى. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان مەلۇم بىر خىلدىكى شەيئى ياكى ھەرىكەتكە ئىنتىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەلۇم بىر شەيئىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى مەلۇم بىر پائالىيەتنى باشلىۋېتىش كويىدا بولۇشتا ياكى مەلۇم بىر شەيئىدىن قۇتۇلۇش ياكى مەلۇم پائالىيەتنى توختىتىش كويىدا بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ «ئاچلىق، ئۇسساش» سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمدە ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئېھتىياجى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج كىشىدە يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى ئاخىرى يېيىش - ئىچىش ھەرىكىتىگە ئېلىپ بارىدۇ، ئەكسىچە قورساقنىڭ تويۇش سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى تاماق يېيىش ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى تۈگەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، يېيىش - ئىچىش ھەرىكىتى توختايدۇ.
ئارزۇ ھاياجانلىنىش ياكى ئويلىنىشتىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ساپ ھاياجاندىن پەيدا بولغان ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت ھاياجانلىق ھەرىكەت بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتكە كەلگەن كىشى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ئۆزىنى ئەقىل بىلەن تىزگىنلىيەلمەيدۇ. مۇنداق ھەرىكەت ئۇزاققا بارمايدۇ. ئويلاشتىن كېلىپ چىققان ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە قىلىنغان ھەرىكەت ئىرادە ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتكە كەلگەن كىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولىدۇ ھەمدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.