Chinese→UyghurMain Dictionary
原生质体培养
يېزا ئىگىلىك
yuán shēng zhì tǐ péi yǎng
پروتوپلاستلىق كۆپەيتىشDئۇنىۋېرسال
yuán shēng zhì tǐ péi yǎng
پروتوپلاستلىق كۆپەيتىش
بىئولوگىيە
پروتوپلازمىنى ئۆستۈرۈش
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ پوستىنى ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن پروتوپلازمىسىنى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. يوپۇرماق گۆشى ياكى باشقا توقۇلمىنىڭ ھۈجەيرىسىنى سېلليۇلوزا ۋە پېكتازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ھۈجەيرە پوستىنى پارچىلاپ پروتوپلازمىسى ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ. پروتوپلازما ئۆستۈرۈش شارائىتىدا قايتىدىن ھۈجەيرە پوستى ھاسىل قىلىپ بۆلۈنۈپ، جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ياكى تۆرەلمىسىمان تەننى ھاسىل قىلىش بىلەن قايتا ئۆسۈپ ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. تاماكا، سەۋزە، پاكار غوللۇق ھەشقىپىچەك، دورىلىق مۇرچۇبا، ئىتياڭىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ پروتوپلازمىسى قايتا ئۆسۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلاندى. پروتوپلازمىدا ھۈجەيرە پوستى بولمىغاندا، سىرتتىن كەلگەن چوڭ مولېكۇلا ۋە ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنى ئاسان سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۈجەيرە پەردىسىنى ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان پروتوپلازمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ شالغۇت پروتوپلازمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ شالغۇت ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلغىلى تەن ھۈجەيرىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.