Chinese→UyghurMain Dictionary
远东国际军事法庭审判
دۇنيا تارىخى
يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ سوت قىلىشى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا ھەربىي سوت. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946 - يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يىراق شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسنىڭ ئالىي قوماندانىغا پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي ئېلان چىقىرىپ، جۇڭگو، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسىنى تەشكىللەپ، توكيودا ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوراققا تارتىشنى جاكارلاش ھوقۇقىنى بەرگەن. 1946 - يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سوت قىلىش باشلىنىپ، 1948 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 25 نەپەر جاۋابكار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە: تۇجۇ خىدېكى، خىرو تاكوكى قاتارلىق يەتتە كىشىگە دارغا ئېسىش جازاسى، كىتو كونچى، كوئىسوكۇنىئاكى قاتارلىق 16 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، توگو شىگېنورىيغا 20 يىللىق قاماق جازاسى، شىگېستۇماموروغا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان يەتتە جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جازا 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى توكيودىكى چياۋيا تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنغان. قالغان سولاقتىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى 1950 - يىلىدىن باشلاپ مۇددىتى توشماستىن قويۇپ بەرگەن. بۇ قېىتمقى سوراق قىلىش خىزمىتىنى ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچى بارلىق دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالايتتى.