Chinese→UyghurMain Dictionary
鼋
ئۇنىۋېرسال
yuán
پېلوخېلىس تاشپاقىسى
بىئولوگىيە
يىراق شەرق پاقىسى
ئۇ يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ تاشپاقىلار ئەترىتى، يۇمشاق تېرىلىك تاشپاقىلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دۈمبە چىغىنىقى سەل يۇمىلاق، شالاڭ ئۆسكەن سۆگەلچىلىرى بار. تۇتۇق يېشىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 26 - 27 سانتىمېتر، چوڭلىرى 29.1 مېترغا يېتىدۇ، قورساق تەرىپى ئاق، ئالدىنقى پۇتىنىڭ سىرتقى گىرۋىكى ۋە ئۈزگۈچ پەردىلىرىمۇ ئاق. بەدەن سىرتىدا مۈڭگۈز ماددىلىق قالقان پارچىلىرى بولماستىن يۇمشاق خۇرۇمسىمان تېرىسى بولىدۇ. دۈمبە چىغىنىقىنىڭ گىرۋەكلىرى پۇختا برىكتۈرگۈچى توقۇلما بولۇپ، ئادەتتە <چىلتەك> دېيىلىدۇ. قورساق چىغنىقى كىچىك، سۆڭەكلىشىشى مۇكەممەل ئەمەس، كۆمۈرچەكلىرى يەنىلا ساقلانغان. دۈمبە - قورساق چىغناقلىرى پەي - سىڭىر توقۇلمىسى ئارقىلىق تۇتاشقان بوينى ئۇزۇنراق بولۇپ، باش ۋە بويۇنلىرى قاپچۇق ئىچىگە پۈتۈنلەي قىسقىراپ كىرىپ كېتەلەيدۇ. ئۈستۈنكى تۆۋەنكى چاغلىرىدا گۆشلۈك كالپۇكلىرى بار، تۇمشۇق ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، تۇمشۇق ئۆسۈكچىسى دېيىلىدۇ، تۇمشۇق ئۆسۈكچىسى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، كۆز دىئامېتىرىنىڭ يېرىمىغىچىمۇ يەتمەيدۇ. چىشى ئۆتكۈر، تۆت پۇتى ياپىلاق، بارماق پەردىسى چوڭ، ئىچكى ياندىكى ئۈچ بارمىقى تىرناقلىق. تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ. گۆشخور، لايغا يوشۇرۇنۇپ قىشلىق ئۆچەككە كىرىدۇ. كۆپىنچە ياز پەسلىدە تۇخۇم سالىدۇ، سۇدىن قىرغاققا چىقىپ ھەر نۆۋەتتە 10 - 50 كېچە تۇخۇم سالىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشتىن مەملىكىتىمىزدە پەقەت بىرلا تۈرى (pbibroni) بولۇپ، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.