UyghurMain Dictionary
ئېتىقاد
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئىشەنچ، مەسلەك، ئىمان.
ئېتىقاد - مەنىۋى ئەمگەك. ئېتىقاد - ئىتتىپاقلىقنىڭ ۋاسىتىسى. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە قارا، ئەقىدىسىگە قۇلاق سالما. ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىشەنگەن ۋە قايىل بولغان روھىي - ھالەت.
شەك، شۈبھە، گۇمان
ئىشەنمىگەن، دېلىغۇل بولغان روھىي - ھالەت.
ھەقىقىي ھاياتلىقتا ھەربىر ئۇلۇغۋار ئىش ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ، ئىشەنچ ئارقىلىق بىرىنچى قەدەم تاشلىنىدۇ. ئېتىقاد بولسا، شۈبھە يوقىلىدۇ. نان - ئىمان، ناننىڭ يوقى يامان. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ. ئانىنىڭ مېھرىگە شەك يوق. شۈبھە دوستلۇقنى بۇزىدۇ. بېگىمدىن گۇمان بولدى، ماڭا ئۇۋال بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەسلەككە، ئىدېئولوگىيىگە، كۆز قاراشقا؛ بىرەر كىم ياكى بىرەر نەرسىگە بولغان ئىشەنچ، ئۇنىڭغا باغلانغان ئۈمىد.
گۈل دېگەنگە گۈل بولامدۇ، قاتى - قاتى بولمىسا، يار دېگەنگە يار بولامدۇ ئېتىقادى بولمىسا.
خۇداغا ياكى بىرەر غەيرىي تەبىئىي كۈچكە بولغان ئىشىنىش.
دىنىي ئېتىقاد. ئېتىقاد قىلماق.