Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىتوربىد
دۇنيا تارىخى
伊图维德
yī tú wéi dé
(1783 - 1824) مېكسىكا ئوفىتسېرى. ئەسلىدە مۇستەملىكىچى ئارمىيىدە كولۇنېل بولغان. ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى (1820 - 1823) پارتلىغاندىن كېيىن، مېكسىكا پومېشچىكلىرى، راھىب ۋە مىلىتارىستلرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مىتروپولىيىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1821 - يىلى 2 - ئايدا ئىگوئارا پىلانىنى جاكارلاپ مۇستەقىللىك، مىللىي باراۋەرلىك، چېركاۋلرنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شۇ يىلى 9 - ئايدا مېكسىكا شەھىرىنى ئىگىلەپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئۆزىنى كورۇل ئاۋگۇست Ⅰ دەپ ئاتاپ ئىتوربىد ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1823 - يىلى 3 - ئايدا ئىمپېرىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1824 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن.