UyghurMain Dictionary
ئېتىلېن
خىمىيە بىلىملىرى
ئېتىلېن نېفىتنى كراكىنگىلەش ئوچىقىدا ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق كراكىنگىلەش ئوچىقى خۇددى »غەربكە ساياھەت خاتىرىسى«دىكى خاقاننىڭ دورا تاۋلاش ئوچىقىغا ئوخشايدۇ. ئېتىلېن ئەنە شۇنداق دورا تاۋلاش ئوچىقىدىن قېچىپ چىققان سۈن ۋۇكۇڭدەك72 خىل ئۆزگىرىپ، نى - نى ئىشلارنى قىلالايدىغان ماددىدىن ئىبارەت.
ئەسلىدىلا خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ ئېتىلېن باشقا بىرىكمىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلا ئۆزگىرىپ يېڭى تۈسكە كىرىدۇ. ئۇ سۇ بىلەن بىرىكىپ ئىسپىرتقا ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئالدى بىلەن سۇلفات كىسلاتا بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ ئاندىن سۇ بىلەن رېئاكسىيىلەشتۈرۈلسىمۇ يەنىلا ئىسپىرتقا ئايلىنىدۇ. زاۋۇتتا ئەگەر ئېتىلېندىن ئىسپىرت ئېلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆپ مىقداردىكى ئاشلىقنى ئىقتىساد قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر نۇرغۇن ئېتىلېن مولېكۇلىلىرى قول تۇتۇشۇپ باغلىنىپ تۇرسا، پەقەت مۇئەييەن بېسىم ۋە بەزى كاتالىزاتور ئىشلىتىلسىلا ئۇلار پولىمىرلىنىپ پولىئېتىلېنغا ئايلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يېمەك - ئىچمەكلەرنى قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خالتىلىرى بىر خىل پولىئېتىلېن پەردىلىرىدىن ئىبارەت. پولىئېتىلېندىن ئىشلەنگەن سۇلياۋ تۇرۇبىلار كىسلاتا، ئىشقارلارنىڭ چىرىتىشىگە چىداملىق، ئۇنى ئېگىپ خالىغان ھەر خىل شەكىللەرگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش مېتال تۇرۇبىلارنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق.
پولىئېتىلېن مولېكۇلىسى چوڭ مولېكۇلىلاردىن ئىبارەت. يەككە پولىئېتىلېن مولېكۇلىسىدا2000 دىن كۆپرەك كاربون ئاتوملىرى بولىدۇ. مانا بۇ مولېكۇلىلار خۇددى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە يىپقا ئوخشايدۇ. سۇيۇق ھالەتتىكى ئېتىلېن تالا پۈركۈگۈچتىن پۈركۈپ چىقىرىلسا ھەمدە بىر تەرەپتىن سوۋۇتۇلسا پولىئېتىلېن تالاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېتىلېن بىلەن پروپىلېننى بىرلىكتە پولىمىرلىغاندا كاۋچۇك خۇسۇسىيەتلىك پولىمىر ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ ئېتىلېن - پروپىلېن كاۋچۇكى دېيىلىدۇ. ئېتىلېن كۈمۈشنىڭ »ياردىمى«دە ھاۋادا ئوكسىدلىنىپ ئېپوكسى ئېتانغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭغا سۇ قوشۇپ رېئاكسىيىلەشتۈرگەندە گىلىكول ھاسىل بولىدۇ، ئۇ دىچۆلياڭ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى، ئۇنىڭدىن يەنە توڭلاتماس سۇيۇقلۇق ياساشقا بولىدۇ.
ئېتىلېنگە ھىدروخلورىد قوشۇلسا دەرھال ئۆزگىرىپ ئاغرىق توختىتىش ھەم جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا خلوروئېتان (ئېتىل خلورىد) ھاسىل بولىدۇ. ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قوغۇشۇن بىلەن رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ ھاسىل قىلىنغان تېترا ئېتىل قوغۇشۇن يېرىم ئەسىردىن بېرى بېنزىننىڭ پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوشۇمچە ماددا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن قوغۇشۇن زەھەرلىك بولغىنى ئۈچۈن، ھازىر قوغۇشۇن قوشۇلمىغان بېنزىن قەدەممۇقەدەم ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ئېتىلېننى ۋىنىل خلورىدقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پولىۋىنىل خلورىد سمولسىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل سۇلياۋ بۇيۇم ياكى پولىۋىنىل خلورىد تالاسىنى ئېلىپ، بۇ تالادىن ئىسسىق ساقلاپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىچ كىيىملەر تەييارلانماقتا.
بىئولوگىيە
ئەڭ ئاددىي، تويۇنمىغان كاربون گىدرىد بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن ئۆسۈملۈك گورمونى. فىزىئولوگىيىلىك مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرا ۋە بېسىمدا گاز ھالىتىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى بىئو پەردىنىڭ ئۆتكۈزۈشچالىقىنى ئاشۇرۇش، RNA نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئېنزملارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مېۋىنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىش، تۆكۈلۈش ۋە قېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تومۇزلاش قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ئالكىنلارنىڭ بىر خىلى. رەڭسىز، يېنىشچان گاز. مەززىلىك پۇراققا ئىگە. نېفىت، كوكسلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىنىدۇ. ئۇ موھىم سانائەت خام ئەشياسى بولۇپ، كەپشەرلەش، مېتاللارنى كېسىش ھەم مېۋىلەرنىڭ پىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.