UyghurMain Dictionary
ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ⅨⅩ ئەسىردە ئىتالىيە خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك ۋە بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. كافۇرىنىڭ <گۈللىنىش گېزىتى> نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەرىكەت ئومۇمەن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى كاربۇنارلار پارتىيىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىن باشلانغان. 1820 - يىلى 1 - ئايدا نېئاپولدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا پىئومونتېدىمۇ ئىنقىلاب پارتلىغان. لېكىن ئاممىۋى ئاساس بولمىغاچقا، مەغلۇپ بولغان. 1831 - يىلى ماززىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ياش ئىتالىيە پارتىيىسى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى يەنىمۇ تارقىتىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن شەرت - شارائىت ياراتقان. ئىككىنچى باسقۇچ، 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭغا پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ فېئوداللىق بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي كۈرىشى ئارىلىشىپ كەلگەن. 1848 - يىلى 1 - ئايدا سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزى پالېرمو خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتكەن. شۇ يىلى 11 - ئايدا رىمدا خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ، دەھرىي ھاكىمىيەت قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى فرانسىيە، ئاۋسترىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىدىن تەركىب تاپقان ئەكسىيەتچىل بىرلەشمە قوشۇن رىم جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرغان. ئۈچىنچى باسقۇچى، ساردىنىيە پادىشاھلىقى پەيدىنپەي ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يادرو كۈچى بولۇپ قالغان مەزگىل. 1859 - يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلاپ، يېڭى ئىنقىلاب دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. ساردىنىيىنىڭ باش ۋەزىرى كافۇرگارىبالدى رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن، سىتسىلىيە ۋە نېئاپولنىڭ ئازاد بولغانلىقىدىن، پارما، رومەننا قاتارلىق جايلاردىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1861 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1866 - يىلى ۋېنېتسىيە رايونىنى قايتۇرۇۋالغان. 1870 - يىلى رىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئىتالىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.