UyghurMain Dictionary
ئىستىخارە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئالدىن بىلىش؛ پال ئېچىش؛ كەلگۈسىنى چۈش ئارقىلىق بىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇخلاش:
كۆزىن مەقسەت قىلىپ يوق ئۇيقۇ زەيلى،
جەھان شورىغە ئوقدۇر ئىستىخارە.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چۈش ئارقىلىق پال ئاچماق، كۆڭۈلگە پۈككەن ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش - ئاشماسلىقىنى چۈشىدە بىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ۋە تەرەت ئېلىپ ناماز ئوقۇپ ئۇخلىماق. (دىنىي)