UyghurMain Dictionary
ئىستىسلاھ ۋەخپىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا دىنىي پائالىيەتلەر ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان يەر، مۈلۈكلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۈلۈك ئىگىسى ئاللانىڭ نامىغا ئاتاپ مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەڭگۈ ئايرىلىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن كىرگەن كىرىمنىڭ مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا مەنسۇپ بولۇشى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئىئانە قىلىنغان يەر، مۈلۈكككە بۇرۇنقى ئىگىسىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئىگىلەپ تۇرۇش، پايدىلىنىش، تەقسىم قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. نەپ ئالغۇچىنىڭ ساقلاش - باشقۇرۇش ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ سېتىش، رەنىگە قويۇش، ئىئانە قىلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى مۇناسىۋىتى بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىسادىي تۈزۈم بولۇپ، تارىختا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقى قاتارلىق جايلاردا ئومۇملىشىپ، مەدرىسە ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى بولغانىدى. ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى فېئودال يەر ئىگىلىرى، مەھكىمە شەرئىلەر، مەسچىتلەر، ۋەخپە باشقۇرغۇچىلار ئاشۇ نام بىلەن نۇرغۇن يەر، مال - مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىپ، دېقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى. بۇخىل ئىقتىسادىي تۈزۈم ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغاچقا، يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئىسلام دۆلەتلىرى يەر ئىسلاھاتى ۋە شەرىئەت ئىسلاھاتى داۋامىدا ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئۇنى چەكلىدى. ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇدى. ھازىر كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە مۇستەقىل ئىقتىسادىي تۈزۈم بولماستىن، بەلكى دۆلەت تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان دىنىي فوندنىڭ بىر مەنبەسى بولۇپ قالدى.