UyghurMain Dictionary
ئىستىقبال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارشى ئېلىش، كۈتۈۋېلىش:
ھەزرەتى يۇسۇف ئەلەيھىسسەلامنى مالىك مىسىرى ھەدىغە يەتكۈزگەنى ۋە پادىشاھى مىسر خەبەر تاپىپ، ئەزىز مىسرىنى ئىستىقبالىغە ئىبەرگەنى.
موللا يۇنۇس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھازىرقى ۋاقىتتىن كېيىن كېلىدىغان زامان، چاغ.
كېلەچكىنى ئويلىمىغان يامان كۈنگە قالار. ئادەمدە كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. ئەتە كىم بار، كىم يوق. ھەر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئەرباب بىلەن ئويناشما، كېيىنلكىڭنى ئويلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كەلگۈسىدىكى ھايات، تىرىكچىلىك يولى، كەلگۈسىدىكى چىقىش يولى.
گۈزەل ئىستىقبال.
ئۇ بالىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن.
بىرەر ئىشنىڭ، نەرسىنىڭ كېلەچەكتىكى تەقدىرى؛ ئاقىۋەت.
شەھەرنىڭ ئىستىقبالى.
مانا بۇ - ساپ دىللىق بىلەن قارا نىيەتلىكنىڭ ۋە ئىستىقبال بىلەن ھالاكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسكىن بەلگىسى ئىدى.
ياخشى كۆرگەن، ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈپ ئېلىش؛ قارشى ئېلىش.
ئىستىقبالىغا چىقماق.