UyghurMain Dictionary
ئىستىلاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەرتلىشىلگەن، شەرتلىك ئىبارە، تېرمىن، ئاتالغۇ.
ئادەت، رەسمىيەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاتالما، تېرمىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەن - تېخنىكا ۋە ئومۇمەن تىلدا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس سۆز. «ئاتالغۇ» ، «ئاتالما» لار ئومۇمىي ئىسملىك سۆزلەر. «تېرمىن» پەن - تېخنىكىدا ئىشلىتىلىدۇ، مەخسۇسلۇقى كۈچلۈك بولىدۇ.
پەلسەپە ئاتالغۇلىرى؛ قانۇن ئاتالمىلىرى. ئاتالغۇ مەسىلىسى ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تېرمىننى قالايمىقان ئىشلىتىشكە، قالايۇمىقان تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا، ئۇقۇمدا خاتالىققا يول قويۇلىدۇ. قانۇندىكى ئاتالمىلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.