UyghurMain Dictionary
ئىسپىرت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمە، شۇنىڭدەك رەڭسىز، ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق. ئالاھىدە پۇراققا ئىگە. ئۇنى تەركىبىدە قەنت بولغان ماددىلارنى ئېچىتىپ دىستىلەش ئارقىلىق ياكى ئېتىلىندى ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ سىنتېتىك كاۋچۇك سۇلياۋ، بوياق قاتارلىقلارنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ، خىمىيە سانائىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئېرىتكۈچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، دېزىنفېكسىيە ھەم چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.