UyghurMain Dictionary
ئىسپانىيە سوتسىيالىست لېبورىستلار پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخى1879 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىسپانىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مادرىدتا قۇرۇغان. 1881 - يىلدىن بۇرۇن قانۇنسىز ئۇرۇندا تۇرغان. 1886 - يىلى ئورگان ژۇرنىلى - <سوتسىيالىستلار> نى نەشىر قىلغان. 1888 - يىلى تۇنجى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللاپ، ھاكىمىيەتنى ئەمگەكچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت ۋاسىتىلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1921 - يىلى ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولغان. 1923 - يىلىدىن كېيىن پرىمودې رىۋېرا مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. دې رىۋېرا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرەپتە تۇرۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1936 - 1939 - يىللىرى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلق سېپىگە قاتناشقان. ۋەكىللىرى - لارگو كاباللېرو (1869 - 1946) ۋە نېگرىن (1894 - 1956)ئىلگىرى - كېيىن خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1939 - يىلى 3 - ئايدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرى خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ۋاسىتىلىك سەۋەبچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. فرانكو مۇستەبتى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.