Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىسپانىيە پادىشاھلىق ئاساسى نىزامى
دۇنيا تارىخى
西班牙王国宪章
xī bān yá wáng guó xiàn zhāng
1834 - يىلى جاكارلانغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنى. 1833 - يىلى كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، نائىب كورۇلىۋاسى مارىيە كرىستىنا ئۇرۇشتا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 1834 - يىلى 1 - ئايدا مۆتىدىلچىلەر (چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ) نىڭ باشلىقى مارتىنېزدې لاروسا (1787 - 1862) نى كابىنېت تەشكىللەشتە تەيىنلەپ، 4 - ئايدا <پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام> نى جاكارلىغان. ئاساسىي نىزامدا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارلامېنت ئىككى پالاتالىق تۈزۈمىدە بولىدۇ، يۇقىرى پالاتانى پارلامېنت تەيىنلەيدۇ، تۆۋەن پالاتا ۋسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كورۇلىنىڭ تۆۋەن پالاتانى تارقىتىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھوقۇقى ھەمدە پارلامېنت قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت كورۇل ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بەكمۇ كونسېرۋاتىپ بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەققىيپەرۋەرلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنى ئاساس قىلغان رادىكال كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. <ئىسپانىيىدىكى 1834 - 1843 - يىللاردىكى ئىنقىلاب> قا قارالسۇن.