UyghurMain Dictionary
ئىسناد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاساس، دەلىل، پاكىت، ھۆججەت؛ ئىسپات بېرىش، گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش:
چۇ تەئرىپ ئېتىپ ئۆنى ھەددادلار،
تۇرۇپ باغلادى تۇرپە ئىسنادلار.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر نەرسىنى بىر كىشىگە تەئەللۇق قىلماق، نىسبەت بەرمەك. مەسىلەن، بۇ نەرسىنى پالان كىشى ياسىدى، بۇ سۆزنى پالان كىشى سۆزلىدى دەپ شۇ كىشىگە ئىسناد قىلىنىش.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <رىۋايەتنىڭ يىپ ئۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىدۇ. ھەدىس كىتاب قىلىنمىغاندا ساھابىلارنىڭ يادىدا قالغان، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن ھەدىسلەر ئاساس قىلىنىپ، بەزى ھەدىسلەر ئۆزئارا تېپىشىپ قالغان. مىلادىيە Ⅸ ئەسىردىن كېيىن ئىلمىي ھەدىسنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ نەسەبى، كەچۈرمىشلىرى، پەزىلىتى، پائالىيە قىلغان يىللىرى ۋە ئورۇنلىرى قاتارلىق ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى ئېنىقلاپ، شۇ كىشىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. ئادەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە يېتىپ بارالايدىغان ئىشەنچلىك رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ رىۋايىتىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، دەپ قارالدى. بۇنداق ھەدىسلەر <مۇتتەسىدىل ھەدىس> (رىۋايەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەدىس)، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىرى <مۇنقەتئ ھەدىس> (رىۋايەت قىلغۇچىلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەدىس)، بەزىلىرى بىر كىشى رىۋايەت قىلغان ھەدىس، <مەشھۇر ھەدىس>، <كەڭ تارقالغان ھەدىس> قاتارلىقلارغا ئايرىلىپ پەرقلەندۈرۈلدى. سۈننىي مەزھىپىدىكى مەشھۇر نەسەبلەر ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ئەبۇ ھۈرەير، بۈۋى ئائىشە، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق كىشىلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈلدى. شىئە مەزھىپى بولسا، ئۆز مەزھىپىنىڭ ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىرىنىلا ئېتىراپ قىلدى.