UyghurMain Dictionary
ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
لىۋىيىدىكى ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، 1970 - يىلى قۇرۇلدى. جەمئىيەت ترىبولىدا. مەقسىتى: ئىسلام دىنىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرشنى تەشەببۇس قىلىش، ھەر قايسى دۆلەتلەر، رايونلاردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش پائالىيىتىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. 1982 - يىلى 8 - ئايدا ترىبولىدا ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا 73 دۆلەت ۋە رايوندىكى 130 نەچچە ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ 350 ۋەكىلى قاتنىشىپ، ئىسلام تەبلىغات پائالىيىتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ جەمئىيەت ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى ۋە ياۋروپا، ئوكيانىيە، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى.