UyghurMain Dictionary
ئېسىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ياخشى، بەلەن، ئوبدان. ئانتونىمى: پەس، رەزىل، ناچار.
ئېسىل ئادەم.* ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا پوقى قالىدۇ (ماقال). * مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئېسىلماق، ئېسىلىش. ياماشماق، ساڭگىلماق.
ساقالغا ئېسىلماق.* ماشىنىغا ئېسىلماق. * ئېسىلساڭ ئېگىزگە ئېسىل. * چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار (ماقال). * دادىسى ئېسىلىپ ئۆلگەن بالا ئارغامچىنى ئېغىزغا ئالمايدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئېسىلماق، ئېسىلىش، كۆپمەك.
ئۇنىڭ قۇرسىقى ئېسىلىپ كېتىپتۇ. * نېمە دېگىنىڭ ئۇ، قورسىقىمنى ئېسىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، سۈپەتلىك.
يامان ، ئوسال، ناچار، ئەسكى ، قەبىھ، ياۋۇز
سەلبىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلمايدىغان، كەمچىلىكى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سۈپەتسىز.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا. ياخشى ئاتاق بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا. ئوبدان باولساڭ ئالىدۇ، ئوسال بولساڭ ئاسىدۇ. ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا يۇقى قالار. قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى. ناچار ئادەم تۆرۈڭدە ياتا،، تۆرۈڭدىن چۈشسە، ئەيىبىڭنى ئاچار. ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. ئېسىل سۆز ئالماسنى كېسەر. ئوبدان بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، ناچار بولسا، بېشىڭغا بالا. ئاسماندىكى ساردىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ئەلا. يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۆلگىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
سۈپەت جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى، ئەڭ ئوبدان.
ئېسىل بۇيۇم. ئېسىل مال.
ياخشى خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە بولغان، ئالىيجاناب.
ئېسىل ئادەم. ئېسىل ئايال.
بۇ كىشى بەك ئېسىل ئادەم ئىكەن.