UyghurMain Dictionary
ئىسكىلوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 525 - 456). قەدىمكى يۇناندىك ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىسىنىڭ بىرى، <تراگېدىيە پىرى> دېگەن نامى بار. ئاتتىكا (ئافىنا)دىكى ئېلېئۇسسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئېئۇپورىئوندا روھانىي ئەمەلدار بولغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا مارافون جېڭى (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) ۋە سالامى جېڭى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) گە قاتنىشىپ، شۆھرەت قازانغان. پۇقرالار ئابىدىسىگە ئۇنىڭ ئىسمى ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 90 سەھنە ئەسىرى يازغان (70 دېگەن گەپمۇ بار)، ھازىر ساقلىنىۋاتقان تولۇقراق تراگېدىيىسى يەتتە؛ ئافىنادىكى تىياتىر مۇسابىقىسىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان. <باغلانغان پرومېتېي> دېگەن ئەسىرىدە پرومېتېينىڭ باش خۇدا زېۋىسنىڭ زالىملىقىدىن قورقماي ئىلاھىي ئوتنى ئوغرىلاپ ئىنسانلارغا بېرىپ، رىيازەت چەككەنلىك ھېكايىسى ئارقىلىق، ئافىنادىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن. <پارسلار> دېگەن ئەسىرىدە يۇنان پۇقرالىرىنىڭ پېرسىيە تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن كۈرەش ئىرادىسى ۋە باتۇرلۇق، پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلىگەن ۋە مەدھىيلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا <ئاگامېمنون>، <ھاراق ئىلاھى>، <قىساس ئىلاھى> (ئۈچى قوشۇلۇپ <ئورېستېس ترىلوگىيىسى> دەپ ئاتىلىدۇ)، <يەتتە قەھرىماننىڭ تېبېسقا ھۇجۇم قىلىشى> ۋە <تىلەمچى ئايال> دېگەن ئەسەرلىرىدە يۇنان تراگېدىيىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى تەرققىيات قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ۋەقەلىكى ئومۇمەن بىر قەدەر ئاددىي، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىمۇ ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس، لېكىن تىلى جانلىق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، ئەپسانىلەردىك ماتېرىياللاردىن ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەنە بېرىلگەن. ئۇنىڭ تراگېدىيىسىدە تەڭلا سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىس بىردىن ئىككىگە كۆپەيتىلگەن، خور ئەترىتىنىڭ ناخشىسى ئازايتىلىپ، ئارتىسلار ئارىسىدىكى دىئالوگ كۆپەيتىلگەن، شۇنىڭدەك كىيىم ۋە سەھنە قوراللىرى قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي <ئىلاھنى مەدھىيلەيدىغان ناخشا - ئۇسسۇل> تۈسىدىن ئاستا - ئاستا قۇتۇلۇپ، بارغانسېرى تىياتىر شەكلىگە كىرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سىتسىلىيىگە زىيارەتكە بېرىپ (ئىككىنچى قېتىم)، شۇ يەردە ئۆلۈپ قالغان.