Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىشى ئى كىكۇجىرو
دۇنيا تارىخى
石井菊次郎
shí jǐng jú cì láng
(1866 - 1945) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى. چىبا ناھىيىسىدىن. 1890 - يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. سودا ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1912 - يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1915 - يىلى 10 - ئايدا ئىككىنچى تۆۋەتلىك ئوكۇما ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش دىپلوماتىيىسىنى ئاكتىپ يول قويغان. 1917 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان، 11 - ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لانسىن بىلەن جۇڭگودىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى <ئىشى ئى كىكۇجىرو - لانسىن كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1927 - يىلى جەنۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق پالاتاسى ئەزاسى بولغان. 1929 - يىلىدىن باشلاپ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. <دىپلوماتىيە توغرىسىدا قوشۇمچە خاتىرىلەر>، <دىپلوماتىيە تەسىراتلىرى> ناملىق ئەسەرلىرى بار.