Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى
دۇنيا تارىخى
生产资料
shēng chǎn zī liào
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ماددىي ئامىلى بولۇپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمگەك ئوبيېكتىنى، مەسىلەن: ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى، زاۋۇت، فابرىكا ئۆيلىرى، قاتناش - توشۇش قوراللىرى، خام ئەشيا، ياردەمچى ماتېرىياللار، يەر، ئورمان، دەريا - ئېقىنلار، كان بايلىقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئەمگەك ئوبيېكتى كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي شەرتى بولۇپ، ئەمگەكچىلەر پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارالايدۇ. مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىدا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلىك بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سودا,ئۇنىۋېرسال,قانۇنشۇناسلىق
生产资料
shēng chǎn zī liàoDئۇنىۋېرسال
生产工具
shēng chǎn gōng jù