Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى
دۇنيا تارىخى
生产力
shēng chǎn lì
يەنى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى. ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى. ئۇ بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى بىلەن ئەمگەك قابىلىيىتىگە ئىگە ئادەملەر (ئەمگەكچىلەر)، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى (ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى) ۋە ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن ئەمگەكچىلەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل بولۇپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى كىشىلەر ئەمگىكىنى ئەمگەك ئوبيېكتىغا ئۆتكۈزىدىغان زۆرۈرۈ ۋاسىتە، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ؛ ئەمگەك ئوبيېكىتى بولسا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي شەرت. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئامىللىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدە پەن - تېخنىكا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قانچىكى تەرەققىي قىلغانسېرى، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىلگەت شۇنچە ئوڭاي ئۆزگىرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرلىتىدۇ.
پوچتا - تېلېگراف
生产力
shēng chǎn lì
ئۇنىۋېرسال
生产力
shēng chǎn lì